ئېتىقادچىلار قوشنىلىرىنى سۆيۈشكە (ماركوس 12-باپ 31-ئايەت) ، ھەتتا دۈشمەنلىرىگىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە (لۇقا 6: 27-28) ، ئادالەت، يارىشىش ۋە تېنچلىق ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا چاقىرىلغان (مەتتا 5-باپ 44-45-ئايەتلەر).
مۇقەددەس كىتاپتىكى يەنە بىر ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.» مانا بۇلاردىن مۇھىم ئەمر يوق (ماركۇس12-باپ 31-ئايەت).
«قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار! سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۆچمەنلىك قىلغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار. سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار.» (لۇقا6-باپ 27-28 ئايەتلەر)
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دەيدۇ: « لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار خۇدانىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدىن بولالايسىلەر.» (مەتتا5-باپ 44-45 ئايەتلەر)
ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ خەلىقلەر ئارىسىدا تارىختىن بويان شەكىللەنگەن مەدەنىيەت پەرقى ۋە سىياسىي تۈزۈملەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىختىلاپلار ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقىدەك بىر بىرىگە ئىشەنمەسلىك ۋە ئۆچمەنلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇيغۇر ئېتىقادچىلىرى ئەيسا مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ ، يەنىلا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ خەلىقلىرى ئارىسىدىكى كەچۈرۈم ۋە يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكى كىشىلەرنى چۈشىنىش ۋە ھېسداشلىق قىلىش، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى كەچۈرۈش ۋە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئوخشىمىغان گۇرىپىلار ئارىسىدىكى دىمكۇراتىك سۆھبەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ(رىملىقلار12-باپ 18-ئايەت).
«ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار.» (رىملىقلار12-باپ 18-ئايەت)
بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇيغۇر ئېتىقادچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېزىلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر خەلىقنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئادالەت ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچىراۋاتقان خەنزۇ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە دۇئا قىلىدۇ. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلىرىنىڭ مۇشۇنداق قىيىن ۋاقىتلاردا بىر بىرنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئۆز ئارا دۇئا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.
كۆپچىلىككە ئايان بولغاندەك، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىچكى ۋازىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ. بۇنداق شارائىتتا كەچۈرۈم ۋە يارىشىشنى تەشەببۇس قىلىش تولىمۇ مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك بىر ئىش بولغاچقا، ئۇيغۇر ئېتىقاد جامائەتچىلىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويغان ئاساستا، ئويغۇر ئېتىقادچىلىرى كەچۈرۈم ۋە يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىرتىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئېتىقادچىلىرى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى قۇلاي شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋازىيىتىنى يەرلىك جامائەتچىلىكلەرگە تۇنۇشتۇرىدۇ. بۇ تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە ئۇسۇللار ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ:
— ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتنى تونۇشتۇرۇش، ھەقىقى ئەھۋالنى چۈشىنىشكە ياردەم قىلىش، شۇنداقلا، ھەر خىل شەكىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىلىرىنى ئەيىپلەش.
— ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش، ھەر خىل ئارقا كۆرۈنۈشتىكى خەلىقلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش.
— ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ياردەم بېرىش ھەم ئۇلارنى قوللايدىغان تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىش، جۈملىدىن تىل تەرجىمە ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش، ۋاقىتلىق تۇرالغۇ تەمىنلەش ياكى خىزمەت ئىزدەشكە ياردەملىشىش قاتارلىقلار.
ئۇيغۇر ئېتىقادچىلىرى تىنچلىق ۋە ئادالەت ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى دەپ بىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا تىنچلىق ۋە ئادالەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىگىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بەخت-سائادىتى ۋە يەرلىك رايوندىكى يارىشىش ۋە كەچۈرۈم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بارلىق تەشكىلاتلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئېتىقادچىلىرى ئۆزلىرىنى قوينىغا ئالغان يەرلىك جامائەتچىلىكلەرگە ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشنى مەجبۇرىيەت دەپ تونۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە تۆھپە قوشىدىغان، ۋە يەرلىك جامائەتچىلىكلەرگە ئىجابى تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرىكەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.