ئەيسا مەسىھ ئەرشكە كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى ، ئەلچىلىرىگە (ۋە بارلىق خىرىستىيانلارغا): « بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار»، ئۇلارغا « يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرى، ھەتتا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر » دەپ ئەمىر قىلغان (مەتتا 28-باپ 19-ئايەت، ئەلچىلەر1-باپ 8-ئايەت). بەزى ئالىملار كولوسىلىقلار3-باپ 11-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «سىكيانلار» نى مەركىزى ئاسىيا كۆچمەن چارۋىچى خەلىقلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئەلچىلەر ۋە شاگىرتلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى قانچىلىك يىراقلارغا ئېلىپ بارالىغانلىغى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق. ئەمما ئىشىنىمىزكى بۇ سىرلار تارىخ بەتلىرىگە ئاللىبۇرۇن يۇشۇرۇنغان. ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن جامائەتچىلىك ئەنئەنىلىرىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، خوش خەۋەر بۇرۇنلار مەركىزى ئاسىيا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا رايونلارغا ھەتتا جۇڭگوغا يېتىپ كەلگەن. ئەمما بۇنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر تېخى يېتەرلىك ئەمەس. «يىپەك يولى» مىلادىدىن ئىلگىرىكى 200-يىللاردا رىم بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ يول قۇرۇقلۇق ياكى دېڭىز يولى بىلەن كەلگەن مىسسىيونىرلار ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئېتىقادچىلارنىڭ خوش خەۋەرنى تارقىتىشىدا ئىنتايىن موھىم رول ئوينىغان.
شىئەن تاش ئابىدىسى، بۇ جىڭجىئاۋ تاش ئابىدىسى ۋە ياكى«نېستورىيان ئابىدىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا خاتىرىلىنىشىچە ، مىلادىيە 635-يىلى ، پارس مىسسىيونېر ئالوپېن خىرىستىيان ئېتىقادىنى ئىككىنچى تاڭ ئىمپېراتورى تاڭ تەيزوڭنىڭ ئوردىسىغا تونۇشتۇرغان. گەرچە بۇ تاش ئابىدە ئالوپېن بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە باغلىنىش بارلىقىنى كۆرسەتمىسىمۇ،ئەمما ئۇ خىرىستىيان ئېتىقادىنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشىدىكى مۇھىم تارىخىي خاتىرىدۇر.
ئۇيغۇر خانلىقلىرى (ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى) موڭغۇل يايلاقلىرىدا قۇرۇلغان (مىلادى 744-840). ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىرىستىيان ئېتىقادىنى قۇبۇل قىلغانلىق ھەققىدە خاتىرلەر يوق بولۇپ،خانلىق دىنى مانى دىنى ئىدى. قۇچۇ (تۇرپان / بېشبالىك) يەنى ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇيغۇر خىرىستىيان ئېتىقادچىلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئېدىقۇت خانلىقى 840-يىلى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى يىمىرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇرۇلغان خانلىق بولۇپ، بۇ دەۋىردە، ئۇيغۇرلار كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن شەھەرلىشىشكە باشلىغان. شۇ جەرياندا ئۇلار مانى، خىرىستىيان ، بوددا قاتارلىق ئوخشىمىغان دىنلارنى قۇبۇل قىلغان. شۇ دەۋىردىكى خىرىستىيانلار «نېستورىيان» ئېقىمىغا ئەگەشكەن بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ 5-ئەسىردىكى كونستانتىنوپول جامائەتچىلىكىنىڭ ئىچىدىكى ئاقساقال نېستورىئۇستىن كەلگەن.
نېستورىئۇسنىڭ تەلىماتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىلاھىيەت مەزھىپىنى خۇلاسىلەش ياكى توغرا باھالاش قىيىن ، چۈنكى بۇ توغۇرسىدىكى ئوچۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئېقىمغا قارشى ماتىرياللاردىن كەلگەن. ئەفەس كېڭىشى 431-يىلى نېستورىيۇسنىڭ ئىلاھىيىتىنى توغرا ئېتىقاد ئەمەس دەپ جاكارلىغاچقا، بۇ نېستورىيان جامائەتچىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلاھىي قوللىغۇچىلىرى بىلەن بەيزىنتىم ، رىم ۋە ئىسكەندىرىيەدىكى كىشىلەر ئارىسىدا بۆلۈنۈش كېلىپ چىققان. بۇ «نېستورىيان جامائەچىلىكى» كېيىنچە پارس ئىمپېرىيىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەتلىرى ئارقىلىق شەرقىي ئاسىياغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ جامائەتچىلىكلەرنى «نېستورىيان جامائەتچىلىكى» دەپ ئاتىغاندىن كۆرە «شەرق جامائەتچىلىكى» دەپ ئاتاش تېخىمۇ مۇۋاپىقراق.
«شەرق جامائەتچىلىكى» نىڭ تەسىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر قانچە ئەسىر داۋاملاشقان. بۇ ئەھۋال شەرقىي سۈرىيە جامائەتچىلىكىدىكى مىسسىيونېرلارنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچۈيۈپ، 10-ئەسىرگە كەلگەندە ، ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى خىرىستىيان دىنىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا نۇرغۇن چېركاۋ ۋە موناستىرلار قۇرۇلغان. جۈملىدىن، قەشقەردە «بىشوپرىك» تەسىس قىلىنغان.
تارىخى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، خۇدا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتقا ئېرىشكەن (ئەيسا مەسىھكە ئىشىنىش ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئېرىشىشنى كۆزدە تۇتىدۇ) ئۇيغۇر ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ خوش خەۋرىنى تارقىتىشقا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان:
— خوش خەۋەرنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن تېز بولۇپ، سىبىرىيەگىلا بېرىپ قالماي ھەتتا جوڭگوغا ۋە ھىندىنوزىيەگىمۇ يېتىپ بارغان.
–« شىئەن ئابىدىسى» دە پۈتۈلگەن ئىنجىل ۋە مۇقەددەس سىزمىلار ئىمپېراتور تاڭ تەيزوڭنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھەتتا بۇلارنى جۇڭگودىكى جامائەتچىلىكلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىشنى بويرۇق قىلغان.
— خوش خەۋەر تارقىتىشنى مۇھىم بۇرچ قىلغان جامائەتچىلىكلەرنىڭ خۇدانىڭ خىزمىتىگە ئۆزىنى بېغىشلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېتىقادى ئۇلارنىڭ قەبرىسىدىكى خرىستىئان ئېتىقادىغا خاس بېزەكلەر ۋە قەۋرە تاشلىرىغا يېزىلغان تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ: «بۇ يەردە جامەئەتچىلىگىمىزنىڭ سادىق ئاقساقالى ياقۇپ ياتقۇزۇلغان. … »« بۇ يەردە مارتا سىڭلىمىز ياتقۇزۇلدى، ئەيسا ئۇنى قايتا تىرىلگەندە تونۇغاي. »»
— ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سودا قىلىش مەقسىتىدە بارغان جايلاردا خالىسانە خوش خەۋەر يەتكۈزگەن. مانا بۇلار خۇدانىڭ ھەقىقى ئەلچىلىرى.
يۇقۇرقى مەزمۇنلاردىن شۇنى يىغىنچاقلاشقا بولىدىكى، نېستورىيان ئېتىقادچىلىرى «ھەقىقىي ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرى» دۇر.
موڭغۇل دەۋرىگە قەدەر ، ئۇيغۇر ئېتىقادچىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا روناق تېپىپ، يىپەك يولىنى بويلاپ سودا ۋە ئىدىيە ئالماشتۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. ئۇلار دىنىي گۇرۇپپىلار ، سودىگەرلەر ۋە سىياسىي ئورگانلار ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچى بولۇپ ، نۇرغۇن مەدرىسلەرنى قۇرغان. ئۇلار يەنە ئالىملار ، ئوقۇتقۇچىلار ، تەرجىمانلار قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئارا بىلىم ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ تارقىلىشىغا تۆھپە قوشقان. كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئېتىقادچىلىرى چىڭگىزخاننىڭ ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ ئوردا مەھكىمىسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، كۆپ تىللىقلىقى ۋە ئۇلارغا مۇقەددەس كىتابلارنى يەتكۈزۈشتە ئىشلىتىلىدىغان سۈرىيە يېزىقىدا ئوقۇش ۋە يېزىشقا ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئورۇنلارغا ناھايىتى ماس كەلگەن. جۈملىدىن، موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى يېزىقى ئۇيغۇر يېزىقىدىن كەلگەن بولۇپ ، موڭغۇللارنىڭ سىياسەت، دىن، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە بىناكارلىقنىڭ تەرەققىياتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزناسىنى تاپقىلى بولىدۇ.
شۇڭا ئۇيغۇرلارنى خىرىستىيان ئېتىقادنىڭ ئاسىيادا تارقىلىشىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى دىيىلسە ھەرگىز يۇقىرى باھالىۋەتكەن بولمايدۇ. ئۇلار ئىنجىلنىڭ بىر قىسمىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان بولۇپ، تۇرپاندىن تېپىلغان سۈرىيە ۋە پارس يېزىقىدا يېزىلغان ئىنجىل پارچىلىرى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.
تارىختىكى داڭلىق ئۇيغۇر خىرىستىيانلار
ئەيسا كېلېمېچى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خىرىستىيان ئېتىقادىنى تەشۋىق قىلىشتا موھىم رول ئوينىغان مەشھۇر ئۇيغۇر خىرىستىيان شەخىسلىردىن بىرى. بۈيۈك مار باباينىڭ «نېستورىيان جامائەتچىلىكىنىڭ تارىخى» دا خاتىرىلەنگەندەك ، ئەيسا كېلېمېچى بۇ رايوندا نۇرغۇنلىغان جامەئەتچلىك ۋە موناستىرلارنى قۇرغانلىقى بىلەن مەشھۇر.
راببان بار ساۋما، 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپاغا بېرىپ پاپا ۋە ياۋروپا خان جەمەتى بىلەن كۆرۈشكەن مەشھۇر ئۇيغۇر دىنى ئولىما. ئۇنىڭ بۇ سەپىرى «راببان سامانىڭ ساياھىتى» ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن بولۇپ، خىرىستىيان دۇنياسى بىلەن موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى ئورنىتىشقا موھىم رول ئوينىغان.
ماركوس، راببان بار ساۋماغا ھەمراھ بولغان ۋە كېيىن يەھبالاخا( ئۈچ) تەرىپىدىن شەرق جامائەتچىلىكىنىڭ باش روھانىسىغا تەيىنلەنگەن.
يابخا چۇ سانو، ئۇ مەشھۇر ئۇيغۇر بىشوپى ۋە يۇنان پەلسەپىسىدىكى ھەر خىل ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئالىم. «كەنجۇرنىڭ ئۇيغۇر قوليازمىسى» ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەندەك، ئۇنىڭ تەرجىمىلىرى يۇنان پەلسەپىسىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا رايونلاردا تارقىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.
ساۋۇت، چىڭگىزخاننىڭ دەسلەپكى ئەگەشكۈچىسى بولغان تەسىرى كۈچلۈك ئۇيغۇر خىرىستىيانلىرىدىن بىرى. «يايلاق ئىمپېرىيىسى» ۋە «يۈەن تارىخى» دا خاتىرىلەنگەندەك، ئۇ 40 نەچچە يىل موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ ئۈچ ئەۋلاد خانلارغا خىزمەت قىلىپ ۋە ئىمپېرىيەنىڭ راۋاجلىنىشىدا موھىم رول ئوينىغان.
بۇ تەسىر كۈچكە ئىگە شەخسلەر خىرىستىيان تەلىماتىنىڭ تارقىلىشى، موڭغۇل دەۋرىدە ئوخشىمىغان مەدىنىيەت ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆپلىگەن تۆھپىلەرنى قوشقان.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ ، خىرىستىيان ئېتىقادىنىڭ تەسىر كۈچى ئاجىزلىشىشقا باشلىغان. بۇنىڭ سەۋەبلەرنىڭ بىرى بەلكىم بۇددا دىنى بىلەن بولغان تىركىشىشنىڭ كۈچىيىشى بىلەن بۇددىستلارنىڭ رەت قىلىشى ياكى زىيانكەشلىكتىن ساقلىنىش مەقسىتىدە بولغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر سەۋەبى، كېيىنكى مەزگىللەردە موڭغۇللارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىدىن بولغان.
ھېلىھەم، خىرىستىيان ئېتىقادىنىڭ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە سىڭىپ كەتكەن ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، ئاز بىر قىسىم شىۋىتسىيە مىسسىيونېرلىرى تۈركىستانغا (ئۇيغۇر دىيارىغا) بېرىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا خوش خەۋەر تارقاتقان. لېكىن، بۇ توغرىسىدىكى تارىخى ماتىرياللار كۆپ ئەمەس.
تۇنجى بولۇپ كەلگەنلەر 1872-يىلى قۇرۇلغان «سكاندىناۋىيە مىسسىيونېرلار ئىتىپاقى» نىڭ ئەزالىرى ئىدى. بۇ ئۆمەك 1886-يىلى ئاندېرس جانسوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشىدىن تەشكىل تاپقان ئەترەتنى قەشقەر شەھىرىگە ئەۋەتكەن. ئاندېرس ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ رايوندىكى يېتەكچى شەخسكە ئايلانغان. ئۇ خىزمەتكە كىرىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىزمىتىگە ئۆزىنى چوڭقۇر بېغىشلىغان، خىزمەت ئۆنىمى يۇقىرى، ھەمدە ئېتىقادچىلار ۋە ئېتىقادقا قىزىققۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشتا قابىلىيەتلىك ئادەم دەپ تونۇلغان. ئۇ مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا قۇرۇپ، يەرلىك خەلىقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئۇيغۇر خىرىستىيانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشقان بولۇپ، جامائەتچىلىكلەر، دارىلمۇئەللىم، ۋە باسما زاۋۇتلىرى قۇرۇلغان. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، 1930-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار قوزغىلىڭى ۋە ئىچكى ئۇرۇشلار مىسسىيونېرلارنىڭ خىزمەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان، ھەمدە نۇرغۇن شىۋىتسىيە مىسسىيونېرلىرى بۇ يەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. نەتىجىدە، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئېتىقادچىلار ئۇلارنىڭ ئىزىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئېتىقادىنى ئەۋلاتمۇ ئەۋلات داۋاملاشتۇرغان. شۇنداقلا، شىۋىتسىيەلىك قېرىنداشلارنىڭ چەت يىراق جايدىكى ئۆزلىرى قارشى ئېلىنمىغان تۇپراقتا پىداكارلىق بىلەن قىلغان ئېسىل خىزمەتلىرى ۋە قەيسەر چىداملىقى ئۇيغۇر ئارىسىدا ئېغىزلادا داستان بولۇپ كەلگەن.
شىۋىتسىيە مىسسىيونېرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى خىزمەتلىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇق ئۆمىكىنىڭ جورج خونتېر ۋە پېرسى ماتېردىن ئىبارەت ئىككى خىزمەتچىسى ئۇرۇمچىدە خىزمەت قىلغان. ئۇلار 1910-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇي (تۇڭگان) ، قازاق ، موڭغۇل، رۇس ۋە شىۋە قاتارلىق مىللەتلەر ئارىسىدا خىزمەت قىلغان. ئۇلارنىڭ 10 يىللىق خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىش سېپىگە مىلدرېد كابېل ۋە ئېۋا ۋە فىرانسىسكا فىرانسۇزلار قوشۇلغان. بۇ جاسارەتلىك خانىم- قىزلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ چىقىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن ئالاقە باغلاپ، بۇ ئاياللار ئارىسىدا ئەيسا مەسىھ ئېتىقادىغا گۇۋاھلىق بەرگەن.
پېرسى ماتېر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بىر گۇرۇپپا يىگىتلەر جورج خانتېرنىڭ خىزمىتىگە دەستەك بولۇش ئۈچۈن كېلىپ، ھەر قايسى جايلاردا بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى غۇلجىغا بارىدىغان يولدىكى ماناستا داۋالاش ئامبۇلاتورىيىلىرىنى قۇرغان. ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرى راۋاجلىنىپ بۇ رايوندا مەلۇم تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغاندا 1937-يىلدىكى سىياسىي داۋالغۇش سەۋەپلىك ھەممە ئىشلارنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، ئۇيغۇر خىرىستىيانلار جامائەچىلىكى يەنىلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىچىك بولسىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان بىر جامائەتچىلىك. ئۇلار قىيىنچىلىقلارغا ۋە زىيانكەشلىكلەرگە داۋاملىق ئۇچىراۋاتقان بولسىمۇ،ئۆزلىرىنىڭ ئەيسا ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدىنىيەت مىراسلىرىغا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە.
پايدىلانغان ماتىرياللار:
- “The Spread of Nestorian Christianity among the Uyghurs.» Asia Major, Third Series, Vol. 11, No. 2 (1998), pp. 243-265.
- “A Brief History of Christianity Among the Uyghur People” by East-West Church and Ministry Report, Vol. 13, No. 1 (2005), pp. 7-12.
- “Global Anabaptist Mennonite Encyclopedia” by Scandinavian Alliance Mission. https://gameo.org/index.php?title=Scandinavian_Alliance_Mission&oldid=144867
- «Memoirs of Anders Janson.» By Janson, Anders. Translated by Sarah Janson, edited by Gunnar Westin, Scandinavian Alliance Mission, 1920.
- “The Swedish Mission in China.» by Swedish Missionary Society, https://www.svenskamissionskyrkan.se/missionshistoria/kina/
- “Trials and Trails in Turkestan” by G. F. Fox-Holmes, published in 1928.
- 《大秦景教流行中国碑》:“大秦国大德阿罗本,远将经像,来献上亰,详其教旨”。https://depts.washington.edu/ealclir/wordpress/?p=474
- “The History of the Nestorian Church” by Mar Babai the Great’s, published in 1895 by the Society for Promoting Christian Knowledge (SPCK) in London, England.
- «The Journey of Rabban Sauma», published by George Philip & Son Ltd in 1928.
- «The Uyghur Manuscript of the Kanjur» by Yutaka Yoshida, published in 2005 by Harrassowitz Verlag.
- “The Empire of the Steppes” by René Grousset (English version by Rutgers University Press, 1970, 2002); “History of Yuan” by Lian Song, published in 1941. (The English translation was published in 1970 by Routledge and Kegan Paul under the title ‘The History of the Yuan Dynasty”).