
ئۇيغۇر خەلقى جوڭگونىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭغا (ئۇيغۇر دىيارى) ئولتىراقلاشقان بولۇپ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇيغۇر خىرىستىيانلىرى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئاز سانلىقلاردۇر. خىرىستىيان ئېتىقادى (ئەيسا ئېتىقادى) 7-ئەسىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىغان. ئەمما، 14-ئەسىرگە كەلگەندە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىسلاملىشىش سەۋەپلىك ئەيسا ئېتىقادى ئاستا ئاستا يوقۇتۇلدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شىۋىتسىيە مىسسىيونېرلىرىنىڭ جاپالىق خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە ئەيسا ئېتىقادى ئۇيغۇر زىمىنىدا قايتىدىن بىخلىنىشقا باشلىدى.
بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ ھازىرقى سىياسى ۋازىيىتىدە، ئۇيغۇر خىرىستىيانلىرى (ئېتىقادچىلىرى) ئۆزىنىڭ ئېتىقادى سەۋەپلىك نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىۋاتىدۇ. جوڭگو ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دىنىي زىيانكەشلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتلاردا، ئۇيغۇر ئېتىقادچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ ئەركىن غەرپ دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولدى.
ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئېتىقادچىلىرى جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزلىرى ئولتىراقلاشقان رايونلاردا تىنچلىقپەرۋەرلىك، يارىشىش ۋە كەچۈرۈم قىلىشتەك گۈزەل ئىستىللىرى بىلەن ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.