بىزنىڭ ئېتىقادىمىز

«ئىشەنمەي ئۆز ئەقلىڭگە،ئىشەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا. ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا،ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.» (پەند-نەسىھەتلەر3-باپ5-6 ئايەتلەر)

ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار، كۆپچىلىك ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىڭلار. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. قەدىرلىك دوستلار، ئىنتىقام ئالماڭلار، بۇنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، ئۇنى مەن چوقۇم قىلىمەن.»  مۇقەددەس يازمىلاردا يەنە مۇنداق يېزىلغان: «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى چىمىلدىتىپ، ئۇنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرىسەن.» سىلەرمۇ ئىنتىقام ئېلىشنىڭ ئورنىغا شۇنداق قىلىڭلار. دېمەك، يامانلىق ئالدىدا تىز پۈكمەڭلار، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار. (رىملىقلار 12-باپ 17-21 ئايەتلەر)

ئۇيغۇر ئېتىقادچىلىرى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش ، ئۆزئارا ئالاقە باغلاش، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ۋە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئېتىقادنى كۈچەيتىدۇ.  ئۇلار يەنە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىيىنچىلىققا دۈچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا ئېتىقادىغا سادىق بولغان خىرىستىيان جامائەتچىلىگىدىن ئىلھام ئېلىپ ئۆز ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئۇلار بىلەن داۋاملىق ئالاقە باغلاش ئارقىلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن ھەر دائىم كۈچلۈك ۋە چىداملىق بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خۇدانىڭ خۇش خەۋەردىن ھەمبەھىرلىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ(2-تىموتىي 4-باپ 2-ئايەت).

«پۇرسەت بولسۇن-بولمىسۇن، ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگىن. سەن زور سەۋر-تاقەت ۋە ياخشى تەلىم بېرىش بىلەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتكۈز ھەمدە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن ۋە رىغبەتلەندۈرگىن.» (2-تىموتىي 4-باپ 2-ئايەت).

Scroll to top